پرېزىدېنت جو بايدىن: ھېچبىر ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئۇيغۇرلارغا نېمە بولۇۋاتقانلىقىغا قارىتا سۆزلەشتىن توختاپ قالمىغان ۋە قالمايدۇ

2021-03-27

پرېزىدېنت جو بايدىن: ھېچبىر ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئۇيغۇرلارغا نېمە بولۇۋاتقانلىقىغا قارىتا سۆزلەشتىن توختاپ قالمىغان ۋە قالمايدۇ

 AFP/ RFA_Sintash

 

پرېزىدېنت جو بايدننىڭ ئاقسارايدىكى تۇنجى رەسمىي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى.

ئۇنىڭ 25- مارت قىلغان بۇ نۇتىقىدا دىگەن بىرقىسىم مۇھىم سۆزلىرىنىڭ تەرجىمىسى تۆۋەندىكىچە:

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا – ئېنىقكى (ھەرىكىتىمىز) خىتاينىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ مېنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىم ئۈچۈنلا ئەمەس، مەن دېمەكچى، ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن كۆرۈىشىش ئارقىلىق رايوندا خىتاينى جاۋاپكارلىققا تارتماقچى بولغانلىقىمىز، يەنى؛ ئاۋىستىرالىيە ، ھىندىستان ، ياپونىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ​​ دېموكراتىك تۆت دۆلەت بىرلىكتە ئىش قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى بىزدەك دېموكراتىك دۆلەتلەر بىرلىكتە ئىشلىشى كېرەك.

ئۇزۇن قالماي، دېموكراتىك ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى بۇ يەرگە (ئامېرىكىغا) كېلىپ كەلگۈسىنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىشقا تەكلىپ قىلىمەن.  بىز شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشىمىز كېرەككى،  بۇ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە قائىدىگە ئەمەل قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىمىز.

قايدە بويىچە ئىش كۆرۈش دىگەندە مەيلى جەنۇبىي ياكى شىمالىي خىتاي دېڭىزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا بولسۇن، تەيۋەن مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەر ياكى باشقا بىر قاتار ئىشلارنى كۆزدە تۇتىمىز.

مەن شى جىنپىڭگە مۇئامىلە قىلدىغاندا ئۇ چۈشىنەلەيدىغان تەرىپدىن چىقىش قىلىمەن. شۇنىڭدا ئۇ مېنىڭ دېگەنلىرىمنى چۈشەنمەسلىككە باھانە كۆرسەتەلمەيدۇ. – مەن ئۇنىڭغا شۇنى دىمەكچى: دۆلىتىنىڭ قىممەت قارىشىغا ۋەكىللىك قىلمىغان ھېچقانداق رەھبەر ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. مەن ئۇنىڭغا مۇنداق دىگەن؛ « پرېزىدېنت ئەپەندى، مەن سىزگە ئىلگىرى ئېيتقىنىمدەك، ئامېرىكىلىقلار ئەركىنلىك ئۇقۇمىنى قەدىرلەيدۇ. ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقنى قەدىرلەيدۇ. بىز ھەممە ئارزۇلىرىمىزنى قانائەتلەندۈەلمىگەن بولىشىمىز مۇمكىن، ئەمما بىزدە بارى قىممەت قاراشىمىزنى كاپالەت قىلىغان سىستېمىدۇر.  بىز بۇ پرىنسىپنى ئۈستىگە قۇرۇلغان. سىز ۋە دۆلىتىڭىز داۋاملىق ئوچۇق-ئاشكارە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلسىلا، بىز داۋاملىق  دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاپ ئۇ يەرەدە نېمە ئىشلارنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىمىز».

ئۇ گېپىمنى چۈشەندى.  ھازىرغىچە تېخى بىرە ئامېرىكا پرېزىدېنتى مەن بىلدۈرگەندەك ئۇچۇق ئىپادە بىلدۈرۈپ باقمىغانغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچبىر ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئۇيغۇرلارغا نېمە بولىۋاتقانلىقى، خوڭكوڭدا نېمە ئىشلار يۈزبەرگەنلىكى ۋە دۆلەت ئىچىدە نېمە يۈز بەرگەنلىكىگە قارىتا سۆزلەشدىن توختاپ قالمىغان ۋە قالمايدۇ.

مانا بۇ بىز.  بىر (ئامېرىكا) پرېزىدېنتنىڭ قىممەت قاراشلىرىمىزدىن ئۇزاقلاشقان ۋاقتى، دەل بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېتىبارىمىزنى يوقىتىشقا باشلىغان ۋاقتىمىزدۇر.  بۇ(ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشى)  دەل بىزنىڭ كىملىكىمىز.

شۇڭا مەن خىتاي بىلەن بولغان بىر كەسكىن رىقابەتنى كۆرمەكتىمەن. خىتاينىڭ ئومۇمىي نىشانى بار، مەن ئۇلارنى بۇ نىشانى ئۈچۈن تەنقىد قىلمايمەن. ئەمما، ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى باشلامچى دۆلەت، دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەت ۋە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىش ئومۇمىي نىشانى بار بولسىمۇ،

بۇ مېنىڭ دەۋرىمدە يۈز بەرمەيدۇ، چۈنكى ئامېرىكا داۋاملىق تەرەققىي قىلىدۇ ۋە كېڭىيىدۇ.

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/remarks-by-president-biden-in-press-conference-03272021173345.html