موھىم ئۇقتۇرۇش

ئۇيغۇر ھەق ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرىلىشىنىڭ، ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنىڭ بىخەتەر دۆلەتكە يۆتكىلىشى ئۈچۈن باشلاتقان خىزمىتى ئەڭ قېيىن توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، كانادا پارلامىنتىدىكى ئاساسلىق سىياسى پارتىيەلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

تەشكىلاتىمىز ئالدىمىزدىكى ئايلاردا كانادا پارلامىنتىنىڭ ۋە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ، كانادا پارلامىنتى خەلقئارا  كىشىلىك ھوقۇق كو مىتىتىنىڭ 10-ئاينىڭ 21-كۈنى  ئالغان “ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنىڭ كاناداغا ئورۇنلىشىشىنى تىزلەشتۈرۈش” ھەققىدىكى قاراىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا ئجرا قېلىش توغۇرلۇق جىددى خىزمەتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ  ۋە تاكى بۇ باشلانغان خىزمەت تولۇق  نەتىجەنلگىچە بۇ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

2018-يىلى تىزىملاتقان قېرنداشلار ئچىدە، ھازىرغىچە ئەگەر بۇ قېرىنداشلارنىڭ سالاھىيىتىدە ئۆزگۈرۈش بولغانلار بولسا، يەنى ۋەتەنداشلىق سالاھىيىتى، ئائىلە ئەزالىرى سانىدا ئۆزگۈرۈش، خىتايلاردىن ئۆزلىرىگە  كەلگەن جىددى تەھدىتلەر، ئائىلە ئەزالىرى ئچىدە خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن يەكى باشقا كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار يۈز بەرگەنلەر قاتارلىق ئەھۋاللار بولسا، ئۆلىرىنىڭ 2018-يىلىدىكى  تىزىملىتىش نومىرىنى ئەسكەرتىپ،  بىزگە يېڭى ئەھۋاللىرى ھەققىدە  قوشۇمچە ئۇچۇر يوللاپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

ئۇچۇر يوللاش بىخەتەر ئېلخەت ئادرىسى:

secure@urap.ca

موھىم ئۇقتۇرۇش