كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاقسۇدىكى زور تۇتقۇنغا قۇربانلىق قىلىنغانلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاقسۇنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغان 2000 ئۇيغۇرنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى ئۇچۇرى ھەققىدە بىر پارچە مۇھىم دوكلات ئېلان قىلدى. بۇ تىزىملىككە «ئاقسۇ تىزىملىكى» دەپ نام بېرىلگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بۇ تىزىملىكنى تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە تىزىملىكتىكى 2000 ئۇيغۇرنىڭ «ئۇنىۋېرسال بىرلەشمە مەشغۇلات سۇپىسى» دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى تەرىپىدىن قارا چىكىت قويۇلۇپ، تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

دوكلاتتا ئۇلار مۇنداق دېگەن: «ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىكى، ئۇنىۋېرسال بىرلەشمە مەشغۇلات سۇپىسى (IJOP) ‹ئاقسۇ تىزىملىكى› دىكى بۇ 2000 كىشىگە چىكىت ئۇرغان، يەرلىك خادىملار ئەھۋالنى باھالاپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلارنى لاگىرلارغا ئەۋەتكەن.»

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ھەققىدىكى ئالىي تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ بۈگۈن بىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «‹ئاقسۇ تىزىملىكى› دە 2000 كىشىنىڭ نېمە ئۈچۈن چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى تەرىپىدىن چىكىت قويۇلغانلىقى ۋە ئاقىۋەتتە لاگېرلارغا ئەۋەتىلگەنلىكى يېزىلغان. بۇ سەۋەبلەر ‹ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش، چەت ئەللەردە ئۇرۇق-تۇغقىنى بولۇش ياكى ئۇلار بىلەن بىر قانچە قېتىم تېلىفونلاشقان بولۇش› قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ‹ئاقسۇ تىزىملىكى› خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپ بولماي تۇرۇپ، ئۆز مەيلىچە ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى يەنىمۇ ئېنىق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.»

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2018-يىلى 2-ئايدا تۇنجى قېتىم بۇ ئۇنىۋېرسال بىرلەشمە مەشغۇلات سۇپىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان. ئۇلار بۇ دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا يولغا قويغان بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ رايوندىكى ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىگە ئائىت كامېرا كۆرۈنۈشلىرى بىلەن باشقا بارلىق خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭغا چېكىت قويۇپ ماڭىدىغانلىقىنى، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ چېكىت قويۇلغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى مۇلاھىزە قىلىپ چىققاندىن كېيىن ئاندىن ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى لاگېرلارغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئاندىن 2019-يىلىدىكى يەنە بىر دوكلاتىدا، يۇقىرىقى بۇ چوڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئەۋەتىلىدىغان ئۇچۇرلارنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يانفونلىرىغا ئورنىتىلغان ساقچى جاسۇسلۇق ئەپلىرىدىن كېلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

مايا ۋاڭنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى ھەربىر كىشىنى 24 سائەت توختاۋسىز نازارەت قىلىش ئاساسىدا سانلىق مەلۇمات يىغىدىغان بولۇپ، ھەرقانداق بىر نورمالسىزلىق بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ بىر كىشىگە بەلگە قويۇشىغا سەۋەب بولالايدىكەن. مەسىلەن، سىز بىر كۈنى نورمالدىن كۆپرەك توك ئىشلەتكەن بولسىڭىز، ياكى ئۆزىڭىزنىڭ ئاپتوموبىلىنى ھەيدىمەي، باشقا ئاپتوموبىل ھەيدىگەن بولسىڭىز ۋە ياكى باشقا قول تېلېفون ئىشلەتكەن بولسىڭىز دېگەندەك.

مايا ۋاڭ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئىلگىرى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىمىزدا بۇ سىستېمانىڭ قانداق جەريان قىلىدىغانلىقىنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق. مانا ھازىر بۇ سىستېما تەرىپىدىن چېكىت قويۇلغان 2000 كىشىنىڭ تىزىملىكى قولىمىزدا تۇرۇپتۇ. بۇ تىزىملىكتىكى كىشىلەرگە ‹VPN› قوللانغانلىقى، ‹Zapya› دەپ ئاتىلىدىغان ھۆججەت ئورتاقلىشىش ئەپىنى قوللانغانلىقى ۋە لاگېرلاردا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولغانلىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چېكىت قويۇپ قويۇلغان. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلەر ھېچقانداق قانۇنسىز ئىش قىلماي تۇرۇپ، نورمال كۈندىلىك ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن لاگىرغا قامالغان.»

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، «ئاقسۇ تىزىملىكى» دىكى «ت» ئىسىملىك ئايال چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى «سەزگۈر دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىسى بار» دەپ چېكىت قويغانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا ئەۋەتىلگەن ئىكەن. تىزىملىكتە بۇ ‹ت› خانىمنىڭ 2017-يىلى 3-ئايدا بىر چەت ئەل نومۇرى بىلەن تۆت قېتىم تېلېفونلاشقانلىقى ۋە قانچە سىكونت سۆزلەشكەنلىكى خاتىرىلەنگەن ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى «ت» خانىم سۆزلەشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بۇ چەت ئەل نومۇرىغا تېلېفون قىلىپ سىناب باققان ۋە نەتىجىدە بۇ نومۇرنىڭ «ت» خانىمنىڭ چەت ئەلدە ياشايدىغان سىڭلىسىغا ئائىتلىقىنى بايقىغان.

‹ت› خانىمنىڭ سىڭلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىغا ئېيتىشىچە، ساقچىلار ئۇنىڭ ئاچىىسنى كۆپ قېتىم ئۆزى ھەققىدە سوراق قىلغان ئىكەن. ئۇ شۇندىن كېيىن ئائىلىسى بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشالمىغان بولسىمۇ، باشقا يوللار ئارقىلىق ئاچىسىنىڭ بىر مەزگىل لاگېرغا قامالغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە ھازىر ھەپتىدە بەش كۈن زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئاران ھەپتە ئاخىرىدىلا ئۆيىگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.

مايا ۋاڭ بىزگە مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەر قېتىم رايوندا ئەپ بېرىلغان بۇ تۇتقۇن ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغىنىمدا كاللامنىڭ بىر يېرىدە بۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدا چوقۇم بىر سەۋەب بولۇشى كېرەك ئىدىغۇ، ھەرقانچە بولسىمۇ سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلمىغاندۇ، دەپ ئويلايمەن. ئەمما ھەر قېتىم ئېنىقلانغان پاكىتلار بۇ كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق خاتا ئىش قىلمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ سەۋەبسىز يەرگە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا كىشىلەرنى خالىغانچە، ئۆز مەيلىچە ۋە كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ.»

«ئاقسۇ تىزىملىكى» ئەسلىدە رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە ئەۋەتىلگەن نامسىز ئۇچۇر بولۇپ، بۆلۈمىمىز بۇ تىزىملىكنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈپ چىقىشى ئۈچۈن ئەۋەتىپ بەرگەن. دوكلاتتا «ئاقسۇ تىزىملىكى» ھەققىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلار بېرىلگەن: «گەرچە ئەۋەتكۈچىنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تىزىملىك 80 پىرسەنت ئاھالىسى ئۇيغۇر بولغان ئاقسۇدىكى مەلۇم بىر ئورۇندىن كەلگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ‹ئاقسۇ تىزىملىكى› دىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. تىزىملىكنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئەرلەر، قالغان يېرىمى ئاياللار. ئۇلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش ۋاقتى 2016-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەزى جايلاردا ھەتتا بىر كۈننىڭ ئۆزىدىلا 100 دىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىنغان. مەنبەنى قوغداش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىمىز ‹ئاقسۇ تىزىملىكى› نىڭ ئېنىق ئورنى، ئېنىق ۋاقتى ۋە بىر قىسىم سانلارنى مۇجىمەللەشتۇردۇق.»

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ تىزىملىكنىڭ چىنلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن ئوخشىمىغان ئۇسۇللارنى قوللانغان. مەسىلەن، ئۇلار بۇ جەدۋەلنى ئۇيغۇر دىئاسپوراسى بىلەن ئورتاقلاشقان، نەتىجىدە بۇ تىزىملىكتىكى 18 ئىسىم چەت ئەللەردىكى تۇغقانلىرى تەرىپىدىن جەزملەشتۈرۈلگەن. بۇ تىزىملىكتە يەنە 200 گە يېقىن كىملىك ​​نومۇرى بار بولۇپ، ئۇلار بۇ كىملىك نومۇرلىرىنى تەكشۈرگەن ۋە ئاز دېگەندە ئىككى نومۇر خىتاينىڭ ئەدلىيە تور بەتلىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئوخشاش چىققان. يەنە 27 كىشىگە ئائىت تېلېفون نومۇرىنىڭ 14ىنى ئۈندىدار ئارقىلىق تاپقان ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاقسۇلۇق ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. لاگېرلار مەسىلىسىدىكى مۇتەخەسسسىلەرمۇ بۇ ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈپ ئۇنىڭ چىنلىقىنى دەلىللىگەن. بۇ تىزىملىك بىلەن بىرگە ئەۋەتىلگەن بىر ئاۋازلىق ھۆججەتنىڭمۇ ئاقسۇدىكى بىر لاگېر ئىچىدىن ئەۋەتىلگەنلىكى دەلىللەنگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا «ئاقسۇ تىزىملىكى» دىكى 2000 كىشىنىڭ لاگېرغا سولىنىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنى تۈرلىرى بويىچە تەپسىلى يېزىپ چىققان. ئۇلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: «ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش، بالىلىرىغا دىنى ساۋات بېرىش، خەتمە-قۇرئان، ۋەز-نەسىھەت ئاڭلاش، ساقال قويۇش، دىنىي يوسۇندا كىيىنىش قاتارلىق دىنغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەر؛ كۆپ بالىلىق بولۇش، قول تېلېفون ئەپلىرىنى ئىشلىتىش، ئىنتېرنېتتە ھۆججەت ھەمبەھىرلەش قاتارلىق تېلېفون ۋە ئىنتىرنېتكە مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەر؛ تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئافغانىستان قاتارلىق ‹سەزگۈر› دەپ بېكىتىلگەن دۆلەتلەرگە بېرىش ۋە ياكى دۆلەت ئىچىدە ئاقسۇنىڭ سىرتىدىكى جايلارغا-ئۈرۈمچى، قەشقەر، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا بېرىشتەك ساياھەتكە مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەر؛ مۇقىم ئادرېسى بولماسلىق، بەك كۆپ تېلېفون ئالماشتۇرۇش، كىملىكى بويىچە تىزىملىتىلغان تېلېفون ئىشلەتمەسلىك، توي خېتى قاتارلىق رەسمىي ھۆججەتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، يوقاپ كەتكەن كىملىكىنى باشقا بىرى قوللانغان بولۇش، ئىجارىنى ۋاقتىدا تۆلىمىگەن بولۇشتەك سەۋەبلەر. . .»

بەزى ئەھۋاللاردا ياش بولۇش، يەنى «1980-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان» بولۇشمۇ «خاتىرجەمسىز كىشىلەر» قاتارىدا تۇتقۇن قىلىنىشقا سەۋەب بولغان، يەنە بەزىلەر نەچچە ئون يىل ئىلگىرىكى ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىنمۇ قولغا ئېلىنغان. مەسىلەن بىر ئەر 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇرئان ئۆگەنگەن ۋە 2000-يىللارنىڭ بېشىدا «ئايالىنى ئورىنىشقا قىستىغان» دەپ قولغا ئېلىنغان. يەنە بىر ئەھۋالدا بىر ئايال 2013-يىلى بىر قېتىم قەشقەرگە بارغانلىقى ۋە بىر قېتىم خوتەندە بىر كېچە تۇرغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى «ئاقسۇ تىزىملىكى» دىكى كىشىلەرنىڭ ئۈچ دائىرىلەرگە بويسۇنۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوخشىمىغان دەرىجىدە مۇئامىلە قىلىنىدىغان 3 خىل ئورۇنغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. مەسىلەن، يۇۋاش-يۇمشاق تۇرۇپ، ئىپادىسى ياخشى بولغانلار «ئورتاق باشقۇرۇش رايونى» يەنى «普管区» گە ئەۋەتىلسە، گەپ قايتۇرغان، بوينى قاتتىقلىق قىلغانلار ياكى ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلار «قاتتىق باشقۇرۇش رايونى» («严管区») ۋە «كۈچلۈك باشقۇرۇش رايونى» («强管区») غا ئەۋەتىلگەن. تىزىملىكتە بەزى كىشىلەرنىڭ كېسەل بولغاندا (ياكى بالا ئېمىتىش ئۈچۈن) ئۆيىگە قايتىشقا رۇخسەت قىلىنغانلىقى، ئەمما سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن تۇتۇپ تۇرۇشقا قايتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

مايا ۋاڭ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، «ئاقسۇ تىزىملىكى» بولسۇن ياكى «قاراقاش تىزىملىكى» بولسۇن، بۇ پاكىتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېر تۇتقۇنلىرىنى تېرورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە باغلىشىنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسىزلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى دەرھال بۇ قىلمىشلىرىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا چاقىردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى بېسىمىنى ئاياقلاشتۇرۇشى كېرەك. لاگېرلاردا ۋە تۈرمىلەردە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك. چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قاتارلىق نازارەت سىستېمىلىرىنى بىكار قىلىشى كېرەك. چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى رايوندىكى زۇلۇمنى ئاياقلاشتۇرۇش يولىدا كونكىرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك، نازارەت سىستېمىسى شىركەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى ‹ماگنېتىسىي قانۇنى› ئارقىلىق جازالىشى كېرەك.»

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا يەنە يەرلىكتىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلار ۋە باشقا ئىسپاتلار بىلەن رايوندىكى تۇتقۇننىڭ قايسى دەرىجىدە كەڭ كۆلەملىك ۋە خالىغانچە باستۇرۇلۇشقا ئۇچرايدىغانلىقى تەپسىلىي يورۇتۇپ بېرىلگەن بولۇپ، بەزى پاكىتلار يەنە بۇ سىسىتېمىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىن باشقا بىر قىسىم ئۆلكىلەردىمۇ سىناق قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتىكەن.