كانادا پارلامېنتى: «كانادانىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىچىلىقىنى توسۇش مەجبۇرىيىتى بار»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-03-16
كانادا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتتى. 2021-يىلى 22-فېۋرال.

كانادا پارلامېنتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە خەلقئارا تەرەققىيات كومىتېتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق تۆۋەن كومىتېتى 12-مارت دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئىكەنلىكىگە چۈشەنچە بەرگەن. دوكلاتتا، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشى تەلەپ قىلىنىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى توسۇش، جاۋابكارلارنى جازالاش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قوغداش كانادانىڭ ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىدىكى مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا، كانادا ھۆكۈمىتىگە خەلقئارالىق ھەمكارلىق قۇرۇپ، جازا لاگېرلىرىنى تاقاش، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش، ئۇيغۇر رايونىدا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى قولغا كەلتۈرۈش، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ئۇچۇر ۋە تېخنىكا بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خىتاينىڭ كانادادىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پاراكەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش، تەھدىت ئاستىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنى كاناداغا قوبۇل قىلىشنى تېزلىتىش قاتارلىق 15 خىل تەۋسىيە بېرىلگەن.

كانادا پارلامېنت ئەزاسى سامەر زۇبەرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى كونكرېت تەدبىرلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە خىتاي تەمىنات زەنجىرىنىڭ ھەر بىر ھالقىسىغا دىققەت قىلىشى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كانادا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: “بىز تەمىنات زەنجىرىنىڭ ھەر بىر ھالقىسىغا دىققەت قىلىشىمىز لازىم. ئەگەر پاختا مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت بولغان رايوندىن كەلگەن بولسا، بىزنىڭ بۇ پاختىنى ئىمپورت قىلىشىمىزغا ۋە ئۇنىڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان كىيىم-كېچەكنى كىيىشىمىزگە بولمايدۇ. مەن ھۆكۈمەتنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

سامەر زۇبەرى كانادا پارلامېنتىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قارارىنى قوللىغان ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېرال پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق تېلېفون زىيارىتىمىزدە كۆرسىتىشىچە، ئەگەر خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختاتمىسا، كانادا يەنە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر رايوندا سادىر بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىمىسا، ئولىمپىك مۇسابىقىسى يۆتكىلىشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن شۇ خىل تاللاش يولى بار، لاگېرلارنى پۈتۈنلەي تاقاپ، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ئائىلىلەرنى پارچىلاش باشقا قەبىھ قىلمىشلارنى توختىتىش. ئەگەر ئۇ بۇ يولنى تاللىسا بىزنىڭ نارازىلىقىمز بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ بۇ يولنى تاللىمىسا، بىز ئولىمپىك كومىتېتىمىزنىڭ مۇسابىقىنى باشقا يەرگە يۆتكەشنى تەلەپ قىلىشىنى قارار قىلدۇق».

بۇ دوكلات ئۆتكەن يىلى يازدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تۆۋەن كومىتېتىدىكى گۇۋاھلىقلارغا ئاساسەن تەييارلانغان بولۇپ، ئەسلى بۇ دوكلات ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا تەييار بولغان بولسىمۇ، بىراق ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئەمدى ئېلان قىلىندى. 51 بەتلىك دوكلات 3 بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، 1-بۆلىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، 2-بۆلىكىدە خىتاينىڭ لاگېر، مەجبۇرىي ئەمگەك، تۇغماس قىلىش، باسقۇنچىلىق، ئائىلىلەرنى پارچىلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باستۇرۇش مېخانىزمى، 3-بۆلىكىدە خەلقئارانىڭ رايوندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى مەجبۇرىيىتى شەرھلەنگەن.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ دوكلاتنىڭ پەرقلىق نۇقتىسى ئۇنىڭدا خىتاينىڭ غەرىزىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكى ئېنىق شەرھلەنگەن. كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مەمەت توختى 16-مارت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەرقانداق بىر جىنايەتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت قاتارىغا كىرىش ئۈچۈن 1948-يىلىدىكى جەنۋە ئەھدىنامىسى بويىچە دۆلەتنىڭ غەرىزى ئىسپاتلىنىشى كېرەك. ئاندىن بۇ غەرەزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان ۋاسىتىلەر تىزىلىشى كېرەك. بۇ دوكلات نىيەتنى رەسمىي مۇئەييەنلەشتۈرگەن».

دوكلاتنىڭ 1-بۆلىكىدە يەنە بىر نۇقتا، يەرلىك خەلقلەرنىڭ تىلىدىكى «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن بۇ رايوننى خىتاينىڭ 1884-يىلى ئىشغال قىلىۋېلىپ، ئۆزىگە قوشۇۋالغانلىقى، ئۇنى 1949-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىدە خىتاي كومپارتىيەسى ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۆتكۈزىۋالغانلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىدۇر. مەمەت توختى ئەپەندى، تۇنجى قېتىم بىر غەرب پارلامېنتىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» نى رەسمىي ئىشغال قىلىنغان زېمىن، دەپ كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ دوكلاتتا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئاپتونوم سىستېمىسىدىكى ئورنى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ خاراكتېرىگە باھا بېرىلگەن. دوكلاتتا، شىنجاڭنىڭ 1955-يىلى ئاپتونوم رايونغا ئايلانغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، يالغۇزلاشتۇرۇش، خىتايلارغا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنىڭ داۋاملاشقانلىقى، ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىمۇ بەزىلەرنىڭ «يېڭى زېمىن»، «يېڭى چېگرا» دېگەن مەنىدىكى شىنجاڭنى بويسۇندۇرۇش ھەرىكىتى، دەپ چۈشىنىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ رايوندىكى تارىخىي مەۋجۇتلۇقىغا سەل قارايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى باشقىچە چۈشەندۈرسىمۇ، بىراق «ئاپتونوم» دېگەن بۇ سۆزنىڭ خاتا شەرھلەنگەنلىكى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ رايون «ئاپتونوم» دېيىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ پەقەت قەغەز يۈزىدىكى قۇرۇق ئاتاق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان توقۇنۇشلاردا «ئۆزىنىڭ كىملىكىنى قوغداپ قېلىش، ئادالەتسىزلىككە دىققەت قوزغاش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاممىۋى ئىتائەتسىزلىك ياكى زوراۋانلىق ئارقىلىق قارشى تۇرغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قوراللىق جاۋاب بېرىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىل مابەينىدە ئېلىپ بارغان ئاسسىمىلياتسىيە، باستۇرۇش ۋە نوپۇسنى كونترول قىلىشتەك پەۋقۇلئاددە ھەرىكەتلىرىنى نوقۇل ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى ۋە تېررورلۇق تەھدىتى بىلەن چۈشەندۈرۈپ بولغىنى بولمايدىكەن.