تەۋەككۈلچىلىك ئەمەس ھۇشيارلىق زامانى

تەۋەككۈلچىلىك ئەمەس ھۇشيارلىق زامانى

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن،  تۈركىيە ۋە خىتاي ئارىسىدا 2017-يىلى 13-ماي كۈنى بېيجىڭدا ئمزالانغان ئككى دۆلەت ئارىسىدىكىنايەتچىلەرنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك كىلىشىمنامە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتىتى تەرىپىدىن 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى ماقۇللاندى.

مەزكۇر توختامنامە، تۈركىيە ئادالەت مىنىستىرى بەكىر بوزداغ تەرىپىدىن ئمزالانغاندىن كىيىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پارلامىنت رەئىسى مۇستافا شەنتوپ تەرىپىدىن رەسمى ئمزا بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىس جۇمھۇرى رەجەپ تايىپ ئەردوغانغا يوللانغاندىن كىيىن، 2019-يىلى 12-ئاپرىل كۈنى، “پارلامىنتتا ماقۇللىنىشى ئۇيغۇندۇر” ئلاۋىلىك رېئىس جۇمھۇر   تەستىقى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پارلامىنتىنىڭ ماقۇللىشىغا  يوللاپ بېرىلگەن ئىدى.

ھازىرقى شارائىتتا بۇ قانۇننىڭ تۈركىيە پارلامىنتىدا ماقۇللىنىشىنى توساپ قالالايدىغان ئۆكتۈچى مىللەتۋەكىللىرىنىڭ سانى بۇ قانۇننى توساپ قالىدىغانغا  يەتمىگىنى ئۈچۈن، بۇ قانۇننىڭ پارلامىنتتىن ماقۇللۇق ئېلىپ قانۇنلىشىشى پەقەتلا زامان مەسىلىسى.

خىتاينىڭ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئقتىسادى جەھەتتىن تار بوغازغا كىرگەن مۇشۇ كۈنلەرنى كۈتۈپ مەزكۇر قانۇننى ماقۇللىغانلىقى ھەم تۈركىيەدە بۇ قانۇننىڭ ئۆتۈشىگە بولغان ئشەنچىسىنى كۆرسەتسە يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيەدە بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن بولغۇسى قارشىلىقلارغا نىسبەتەن ئقتىسادى ئارقا ئشىك ئارقىلىق، بىر قانچە مىليارد دوللارنىڭ شەپىسىنى بېرىپ قويۇپ تۈركىيەگە بېسىم قىلىش پەيتىنىڭ يېتىپ كېلگەنلىكىگە بولغان ئشەنچىسىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، “تۈركىيە ئۇنداق قىلمايدۇ بۇنداق قىلمايدۇ” دەيدىغان ھاماقەت پاراڭلىرىنى قويۇپ ھۇشيار بولغاننىڭ زىيىنى يوق.

بۇ توختامنامىنىڭ 2- ماددىسىنى ياخشى ئوقۇشىمىزغا توغرا كىلىدۇ:

2-ماددا

ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدىغان جىنايەتلەر:

يان ماددا (1)

ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەكچى بولغان جىنايى قىلمىش ھەر ئككى دۆلەت تەرىپىدىن جىنايى قىلمىش دەپ قارالغان بولىشى كىرەك؛

ئا: ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىۋى ئەگەر مەلۇم جىنايى قىلمىشنىڭ سۈرۈشتە قىلىنىشىغا چىتىشلىق بولغان بولسا بۇ جىنايى قىلمىش ئەڭ ئاز بىر يىل جازا تەلەپ قىلىدىغان جىنايى قىلمىش بولىشى كىرەك

ب: ئەگەر ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان جىنايى قىلمىش سوت تەرىپىدىن كىسىلگەن ۋە جازا مۇددىتى بىكىتىلگەن جىنايى قىلمىش بولغان تەقدىردە، ئەڭ ئاز 6 ئايلىق جازا مۇددىتى بىلەن جازالىنىدىغان قىلمىش بولىشى كىرەك؛

3- ماددىنىڭ ئا بۆلۈمىدە بولسا، تەلەپ قىلىنغان كىشى پاناھلىق تىلىگەن بولسا ئۇ كىشىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەيدىغانلىقى بىكىتىلگەن.

بۇ توختامنامىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق قىسمى يۇقۇرىدا توختالغان ماددىلار بولۇپ، قالغان قىسىملىرى بولسا بۇ ئۆتكۈزۈپ بېرىش جەريانلىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا ئائىت قەدەم باسقۇچلارغا قارىتىلغان.

خىتاي مەتبۇئالىرىدا، خىتايدىن قانۇنسىز چىگرا ئاتلاپ قاچقان ئۇيغۇرلار مەسلىسى ۋە تەررورىزىمغا چىتىشلىق جىنايى قىلمىشلار نوقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىش ئارقىلىق، بۇ توختامنامىنىڭ قاراتمىلىقىنى قانداقتۇر تەرور ۋە دۆلەتنى پارچىلاشتەك دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تاقاپ تۇرۇپ بۇ توختامنامىنى بازارغا سالغانلىقى بىزنى ھەرگىزمۇ ئاداشتۇرماسلىقى كىرەك. چۈنكى بۇ قانۇن بارلىق جىنايى قىلمىشلارنى ئۆز ئچىگە ئالغان كەڭ دائىرىلىك جىنايى قىلمىشلارغا قارىتىلغان. ئاددى مىسال ئالغاندا،  چىگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈش تۈركىيە ۋە خىتايدا ئوخشاشلا قانۇنسۇزلىق جىنايىتى دەپ قارىلىدۇ. دۆلەتكە قارىتا ئىشلەنگەن جىنايەتلەرمۇ ھەر ئەككى دۆلەتتە جازا تەلەپ قىلىدىغان  جىنايى قىلمىشلارغا كىرىدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا خىتايلار ئۆتكۈزىۋالماقچى بولغان كىشى ياكى شەخسكە خالىغانچە يالغاندىن جىنايەت يۈكلەپ، يالغان گۇۋاچىلاردىن يالغان گۇۋاھلىق ئلان قىلدۇرۇپ باشقا دۆلەتلەر تەلەپ قىلغان دەلىل ئسپاتلارنى ئۇيدۇرۇپ ياساپ چىقىدىغانلىقىنى بىز ئۇيغۇرلار ياخشى بىلىمىز. شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن بۇ توختامنامە مېنى 2-3 يىلدىن بۇيان ئېغىر ھالدا بىئارام قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. مەنچە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئازدۇر كۆپتۇر  بىئارام بولۇشقا باشلىشى كىرەك.  شۇنداق بولغاندىلا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىغا مەركەزلىشەلەيمىز. تۈركىيە ئۇنداق قىلمايدۇ بۇنداق قىلمايدۇ بىخۇتلىقى كۆزىمىزنى كۆر قىلغاندا، يامان كۈنلەرگە ھازىرلىقسىز قالىمىز.  ئشنى مەسىلىگە توغرا دىئاگنۇز قويۇشتىن باشلاش توغرا يول ئۈچۈ بېسىلغان تۇنجى قەدەمدۇر.

توردىكى كۆپلىگەن قېرىنداشلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، 2017- يىلى 5-ئايدا بۇ قانۇن بېيجىڭدا ئمزالانغاندىن كىيىنلا مەن فەيىسبۇك ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ تەھلىكىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىللە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەرھال ب د ت ئىشخانىسىغا پاناھلىق ئلتىماسى سۇنىشىنى تەۋسىيە قىلغانتىم.

لىكىن، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي كانادا ۋە تۈركىيەدىن چىققان بەزى ئاقىلانە كىشىلىرىمىز ئارقا ئارقىدىن تەتۈر شاماللارنى ۋە ھەر خىل بولمىغۇر بوھتانلارنى يايغىلى باشلىدى، نەتىجىدە  قېرنداشلار ئارىسىدا  ئارىسالدىچىلىق ۋە ئشەنمەسلىك كەيپىياتى  پەيدا بولدى ۋە كۆپلىگەن قېرنداشلىرىمىز ب د ت غا سۇنغان ئلتىماسىنى قايتۇرىۋالدى.  بۇ تەتۈر تەشۋىقاتقا ئشەنگەن قېرنداشلىرىمىز نىمىگە ئېرىشتى ئۇنى بىلمەيمەن لىكىن مانا مۇشۇنداق خەتەرلىك مۇددەتتە قوغدۇنۇشتىن مەھرۇم قالدى.  مانا ئەمدى، زامانىدا قېرنداشلىرىمىز ئۈچۈن خاتا مەسلەھەت بېرىپ سۇنى لايلىتىپ قالايمىغانچىلىق چىقارغانلار، ئەگەر ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ  تۈركىيەدە بەزى قېرنداشلىرىمىز خىتايغا قايتۇرۇلۇش تەھدىتىگە دۇچ كەلگەندە ئۇلارنى قۇتقۇزالامدۇ  دەپ سورىشىمىز ھىچ نەرسىگە يارىمايدۇ. بۇ دانىشمانلارنىڭ  مانا ئەمدى بىزگە بېرىدىغان بىر مەسلەھەتى بولىشىمۇ ناتايىن.

ھەتتا بۇنداق مەزگىلدە  ئۇلارنىڭ شولىسىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ.

تۈركىيەدە مانا  بۇ خىل  ئەۋاللار يۈر بەرگەنلىكى ئۈچۈن، بىز تۈركىيەدىكى قېرنداشلىرىمىزنى كىلىمەن دەپ تۇرغان تەھدىتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە مەخسۇس ئادەم يوللاپ قېرنداشلىرىمىزنى تىزىملاپ كانادا ۋە باشقا بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يولىنى ئزلەشكە ۋە بۇ ھەققىدە كىچە كۈندۈز دىمەي ئىشلەشكە باشلىدۇق.

نورمالدا، تۈركىيەدىكى قېرنداشلىرىمىزنى بىخەتەر 3- دۆلەتكە يوللاش ئۈچۈن، بۇ قېرنداشلىرىمىزنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت بولغان قانۇن ۋە بەلگىمىلەر ئاستىدا ئۇدۇل يوللاردىن ۋىزا ئېلىش ئمكانى يوق. ياكى بۇ قېرنداشلىرىمىزنىڭ قولىدا  ب د ت تەرىپىدىن ياكى تۈركىيە كۆچ ئدارىسى  تەرىپىدىن بېرلگەن پاناھلانغۇچى كىنىشكىسىمۇ يوق. بىزگە مەلۇم بولغىنى 30 غا يېقىن قېرندىشىمىزنىڭ قولىدا ياكى ب د ت تەرىپىدىن بېرلگەن ياكى تۈركىيە كۆچ ئدارىسى تەرىپىدىن بېرلگەن پاناھلانغۇچى سالاھىيىتى بار. بۇ قېرنداشلىرىمىز ۋە ب د ت غا ئلتىماس سۇنغان قېرىنداشلىرىمىز ھازىرچە  بۇ توختامنامىنىڭ سىرتىدا قالغاچقا ھاياتلىرىغا بىر تەھدىت كەلمەيدۇ.

نورمال يوللار ئارقىلىق بۇ قېرنداشلىرىمىزنىڭ كاناداغا كىلىش ئمكانى بولمىغىنى ئۈچۈنلا، بىز توختاۋسىز يول مېڭىپ  كانادا پارلامىنتىدىن مەخسۇس قارار چىقارتقۇزۇپ،ھازىرقى نورمال قانۇنى بەلگىلىمىلەرنى ئاتلاپ ئۆتۈپ،  جىددى ياردەم پروگراممىسى ھاسىل قىلىپ بۇ قېرنداشلىرىمىزنىڭ كاناداغا ئەكىلىشكە ھەركەت قىلايلى دىگەن  ستىراتىگەىيە بويىچە يول تۇتۇشىمىزنىڭ  سەۋەبى دەل مانا بۇ تەھلىكىنى ئالدىن ئالا  كۆرگەنلىكىمىزدىن ئبارەت.

بۇلارنى ئەسكەرتىشىمنىڭ سەۋەبى تا ھازىرغىچە، تىزىملاتقان قېرىنداشلارنىڭ ئۇچۇرلىرى ھەققىدە ئنساپسىزچە ھەر خىل  بوھتان، يالغان ۋە ئپتىرا  بىلەن تولغان قارىلاش سەپەرۋەرلىكى تېخى توختىغىنى يوق.

ھازىر، ئۇزۇن مۇددەت تېرىشچانلىقىمىز بىلەن، ۋە تۇتقان يولىمىزنىڭ توغرا بولغانلىقى سەۋەبىدىن، 10-ئاينىڭ 21- كۈنى كانادا پارلامىنتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كومىتىتى دەل بىز دىگەندەك، خىتاي زۇلمىدىن قاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ كاناداغا كىلىشى ئۈچۈن، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس پاناھلانغۇچىلار ئېقىمى شەكىللەندۈرۈپ ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارغا ياردەم قولى سوزۇشىنى تەلەپ قىلدى.

ئاللاھ بۇيرىسا 2021- يىلى،تىزىملاتقان قېرنداشلىرىمىزنىڭ بەزىلىرىنىڭ  بۇ ئۇزۇن ساقلشى نەتىجىلىنىپ، غەم ئەندىشىلەرنىڭ بىر قېسىم قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن  خاتىمە بولىدىغان  بىر يىل بولىدۇ.  لىكىن بۇ پۇرتسەتنىمۇ سۇيئستىمال قىلىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى مەنپەتىنى كىچىككىنە ئەرزىمەس ئىشلار بىلەن يوق قىلىدىغان كىشىلىرىمىزنىڭ بارلىقىنىمۇ ياخشى بىلىمىز. قېرنداشلىرىمىزنىڭ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللى مەنپەئەتىنى ئويلاپ، باشقا قېرىنداشلىرىنىڭ يولىنى توسايدىغان ئش ۋە ھەركەتلەردىن ئۇزاق تۇرىشى بىزنىڭ كۈتىدىغان ئارزۇيىمىز. بولمىسا بۇ ئالتۇن پۇرسەتمۇ قولدىن كىتىۋىرىدۇ.

كونىلارنىڭ  گېپى بار. قۇيرۇقنى كۆتۈرگەن موزاي چىقارماي قالمايدۇ.  كەلكۈن كەلگىچە توغان تۇت.

2017- يىلىدىكى بۇ توختامنامە مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان يالاي قېتىم قېرنداشلىرىمىزنى ئاگاھلاندۇردۇق. يىللاردىن بۇيان بىزنىڭ توختاۋسىز ئاگاھلاندۇرىشىمىزغا،  پەرۋاسىزلارچە،” تۈركىيە ئۇيغۇرنى قايتۇتۇپ بەرمەيدۇ” دىگەندەك  ئۆز ئارزۇيىمىزنى دۆلەت سىياسىتىنىڭ ئۈستىگە دەسسىتىپ تەۋەككۈلچىلىك بىلەن ئۆز ئۆزىمىزنى بەزلەپ كەلدۇق. ئەمدى بۇ  ئويۇننى ئوينايدىغان ۋاقىتلار ئۆتۈپ كەتتى.

ھازىر قىلىدىغان 1- موھىم ئش، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈركىيە كۆچ ئدارىسىغا پاناھلىق ئلتىماسى سۇنىشىنى كاپالەتكە ئگە قىلىش زۆرۈرلىكىدۇر. پاناھلىق ئلتىماسى سۇنغانلار بۇ توختامنامىنىڭ نىشانى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىپ قالالايدۇ.  ھاياتى بىخەتەرلىك كاپالاەتكى ئگە بولماي تۇرۇپ باشقا ئىشلارنى ئۇيلىغىلى بولمايدۇ.

ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزدىن ئاز سانلىق بەزىلىرى بولسا  تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان كەڭ قورساق سىياسىتىنى بولىشىغا سۈيئستىمال قىلىپ، بولمىغۇر تەشكىلات ۋە بولمىغۇر كىشىلەر بىلەن ئارلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان ساقلاپ كەلگەن تۈركىيەدىكى  مۇسبەت ئوبرازىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ بولدى.  تۈركىيەدە، بىر قېسىم ئۇيغۇرلارغا بولغان كۆز قاراشنىڭ، خەلق ئچىدە قانچىلىك ناچارلاشقانلىقىنى بىز بۇ يەردە تۇرۇپ بىلەلەيمىز.  شۇڭا بىر قېسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە، ئۆزىنى باشقىلارغا ئۆچ كۆرسىتىدىغان قېلىقلاردىن ئۇزاقلىشىدىغان، بارغان دۆلەتلىرىگە ماسلىشىشچانلىقىنى ئسپاتلايدىغان ۋاقتى كەلدى. چۈنكى ھازىرقى ۋاقىت  ئەركە نايناق  ۋە بىپەرۋا يۈرۈش ۋاقتى ئەمەس بەلكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ھاياتىنى بىخەتەر قىلىدىغان ۋە ھۇشيار بولىدىغان ۋاقتىدۇر.

چۈنكى يەنە كونىلار دىگەندەك تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ.

 

تەۋەككۈلچىلىك ئەمەس ھۇشيارلىق زامانf